تۋىتتېر ئافرىقادىكى تۇنجى ئىش بىجىرىش ئورنىنى گانادا ئاچىدۇ
ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتى — تۋىتتېر ئافرىقادىكى تۇنجى ئىشخانىسىنى گانادا ئاچىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
1620246
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۋىتتېرنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جەك دورسېي ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «تىۋىتتېر ھازىر چوڭ قۇرۇقلۇق (ئافرىقا)تا بار. مەن گانا ۋە نانا ئاكۇفو - ئەدوغا رەھمەت ئېيتىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.