رۇسىيە ئامېرىكانى ئاگاھلاندۇردى

رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي ريابكوۋ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى رۇسىيە ۋە قىرىمدىن يىراق تۇرۇش مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇردى.

1620231
رۇسىيە ئامېرىكانى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا – رۇسىيە چېگراسىدا ۋەزىيەت كۈنسېرى كەسكىنلىشىپ كېتىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئائىت 2 ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ قارادېڭىزغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى كۈتۈلمەكتە.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇن قەدىمىنى «ئىغۋاگەرچىلىك» دەپ ئاتىغان رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي ريابكوۋ،  ۋەقە تۇغۇلۇش خەۋپىنىڭ يۈكسەك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى رۇسىيە ۋە قىرىمدىن يىراق تۇتۇش مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا پاراخوتلىرىنىڭ دېڭىز ساھىللىرىمىزغا يېقىن بىر يەردە ھېچقانداق بىر ئىشى يوقتۇر، بۇ تامامەن ئىغۋاگەرلىك قىلمىشىدۇر... ئامېرىكالىقلار كۈچىمىزنى سىناۋاتىدۇ، سەۋر – تاقەت ئىقتدارىمىز بىلەن ئوينىشىۋاتىدۇ، ئەمما ئۇلار ھەرگىزمۇ مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ.»

ئۇ يەنە، موسكۋانىڭ دوسباس ئاھالىسىنى قوغداۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر