قاتار ئەمىرى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى بىلەن تېلېفونلاشتى

قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئالسانى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىزغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ رامىزان ئېيىنى تەبرىكلىدى.

1620112
قاتار ئەمىرى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى بىلەن تېلېفونلاشتى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ «‹ SPA› ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئالسانى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىزغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ رامىزان ئېيىنى تەبرىكلىگەن، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىزمۇ قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئالسانىنىڭ رامىزان ئېيىنى تەبرىكلىگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ،  پارىس قولتۇقىدىكى يارىىشىشتىن كېيىن، قاتار – سەئۇدى ئەرەبىستان رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى تېلېفون سۆھبىتى ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر