ھەسەن رۇھانى رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋنى ھۇزۇرىدا قوبۇل قىلدى

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ئامېرىكانىڭ يادرو كېلىشىمىگە قايتىشنىڭ بىردىنبىر يولىنىڭ ئېمبارگولارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1620469
ھەسەن رۇھانى رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋنى ھۇزۇرىدا قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ھەسەن رۇھانىنىڭ رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنى ھۇزۇرىدا قوبۇل قىلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتقا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنى پايتەخت ئەنقەرەدە ھۇزۇرىدا قوبۇل قىلغان ھەسەن رۇھانى، يادرو كېلىشىمىدىكى تۇتقان پوزىتسىيەسى مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيەنى ئالقىشلىغان.

ئۇ: «ئامېرىكا ۋە پۈتكۈل دۇنيا ئەڭ قاتتىق بېسىم قىلىش سىياسىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتسىز بولغانلىقى توغرىسىدا خۇلاسىگە كەلدى. ئامېرىكانىڭ يادرو كېلىشىمىگە قايتىپ كېلىشىنىڭ بىردىنبىر يولى ئېمبارگولارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىدۇر. مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ ۋە ئوتتۇرىدىكى ۋەزىيەتنىڭ 2015-يىلىدا بېرىلگەن ۋەدىلەرگە ۋە كېلىشىمگە قايتىشنى خالايمىز. تەرەپلەر كېلىشىم جەريانىدا بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك. بىز بۇنىڭدىن ئازنى قوبۇل قىلمايمىز، شۇنداقلا بۇنىڭدىن جىققا ئېرىشىشنىڭ پىيىدىمۇ ئەمەس» دېگەن.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ: «موسكۋانىڭ قارىشىچە مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولى ئامېرىكانىڭ شەرتسىز ھالدا يادرو كېلىشىمىگە قايتىپ كېلىشى ۋە بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشىدۇر» دېگەن.

لاۋروۋ تېھران زىيارىتى دائىرىسىدە، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىف بىلەن كۆرۈشۈپ، تېھران بىلەن موسكۋا ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى، يادرو كېلىشىمى ۋە ئېمبارگولار قاتارلىق رايونلۇق ھەمدە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان ئىدى.

كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا مەدەنىيەت ساھەسى بويىچە بىر كېلىشىم ۋە بىيولوگىيەلىك خەۋپسىزلىك ساھەسى بويىچە بىر كېلىشىم ئىمزالانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر