ياپونىيەدە 65 ياشتىن يۇقىرىدىكىلەرنى ئەملەش باشلاندى

ياپونىيەدە ۋاكسىنا ئەملەش خىزمەتلىرى پىلان-لايىھەلەر دائىرىسىدە 65 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكىلەرگە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ۋاكسىناسى ئەملىنىدۇ.

1619737
ياپونىيەدە 65 ياشتىن يۇقىرىدىكىلەرنى ئەملەش باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە سەھىيە، ئەمگەك ۋە پاراۋانلىق مىنىستىرلىقى دۆلەت نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن %30 نى تەشكىل قىلىدىغان 65 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى كىشىلەرنى ئەملەش مۇساپىسىنى باشلىدى.

كيودو ئاگېنتلىقى ياپونىيەنىڭ 47 ئىشتاتىنىڭ 39 ىدا 65 ياشتىن يۇقىرىدىكى كىشىلەرگە ئامبولاتورىيە، جەمئىيەت مەركەزلىرى ۋە تەنتەربىيە زاللىرى قاتارلىق جايلاردا ۋاكسىنا ئەملەنگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ياپونىيە سەھىيە، ئەمگەك ۋە پاراۋانلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2021-يىلى 9-ئاپرېلدىن باشلاپ پۈتكۈل دۆلەتتىكى 1.1 مىليون سەھىيە خادىملىرىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ۋاكسىنا ئەملەش ئىشلىرى ئاخىرلاشقان. ماي ئېيىنىڭ ئۈچىنچى ھەپتىسىدە 4.8 مىليون سەھىيە خادىمىنى ئەملەش پىلان قىلىنماقتا ئىكەن.

ھۆكۈمەت جەمئىي 314 مىليون دانە ۋاكسىنانىڭ بىيونتېك-فايزېر، ئاسترازېنېكا ۋە مودېرنا شىركەتلىرىدىن زاكاس قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر