پارىژدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

فىرانسىيە پايتەختى پارىژدىكى بىر دوختۇرخانىنىڭ ئالدىدا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ، بىر كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە بىر كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1619753
پارىژدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا بىر دوختۇرخانىنىڭ ئالدىدا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى. ۋەقەدە، بىر كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، بىر كىشى يارىلاندى. ھۇجۇمچى موتوسىكلىت بىلەن قېچىپ كەتتى.

ساقچى دائىرىلىرى يارىلانغان كىشىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىكى ھېنرىي دۇنانت (Henry Dunant) دوختۇرخانىسىغا ياتقۇزۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ب ف م (BFM) تېلېۋىزىيەسى جېنىدىن ئايرىلغان كىشىنىڭ ئەر ئىكەنلىكىنى، يارىلانغان كىشىنىڭ بولسا، دوختۇرخانىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ئامانلىق ساقلاش خادىمى ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ھۇجۇمنىڭ سەۋەبى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر