خىتاي ۋە رۇسىيە ۋاكسىناسى چېخىيەدە ئىككى مىنىستىرنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىغا سەۋەب بولدى

بۈگۈن (2021-يىلى 12-ئاپرېل) خىتاي ۋە رۇسىيە  ۋاكسىناسىنى قوللىمىغان چېخىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى ئېلان قىلىندى.

1619548
خىتاي ۋە رۇسىيە ۋاكسىناسى چېخىيەدە ئىككى مىنىستىرنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىغا سەۋەب بولدى
çin aşı skandalı.jpg
çekya.jpg
1koronavirüs çekya.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چېخىيەدە خىتاي ۋە رۇسىيە ۋاكسىناسىنى قوللىمىغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توماس پېترىچېكنىڭ ۋەزىپسىىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

توماس پېترىچېك ئېلان قىلغان باياناتىدا، بىرلەشمە ھۆكۈمەت شېرىكلىرىدىن چېخىيە ئىجتىمائىي دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ژان خاماجېك بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە خاماجېكنىڭ ئۇنىڭغا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

پىرېزىدېنت مىلوش زېمان ئالدىنقى باياناتىدا، توماس پېترىچېكنىڭ خىتاي ۋە رۇسىيە ۋاكسىناسىنى قوللىمىغانلىقىنى ھەمدە دۇكوۋانى يادرو ئىستانسىسىنى كېڭەيتىش پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك ھۆددىگەرلىككە رۇسىيەنىڭ قاتنىشىشىنى توسماقچى بولغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، توماس پېترىچېكنىڭ ۋەزىپسىىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ باش مىنىستىرغا چاقىرىق ئېلان قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

چېخىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ يەنە باشقا خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، توماس پېترىچېك «CSSD» قۇرۇلتىيىدا پىرېزىدېنت كاندىداتى بولغان بولۇپ، ھازىرقى پىرېزىدېنت خاماچېكنى قاتتىق تەنقىد قىلغانلىقى ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان.

چېخىيەدە خىتاي ۋە رۇسىيە ۋاكسىناسى تالاش - تارتىشى سەۋەبىدىن ئالدىنقى ھەپتە سەھىيە مىنىستىرىمۇ ۋەزىپسىىدىن ئېلىپ تاشلانغان ئىدى.


خەتكۈچ: #چېخىيە , #خىتاي

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر