جەۋاد زارىف: ئىسرائىلىيەدىن ناتانز يادرو ئىتانسىسىسغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ ئىنتىقامى چوقۇم ئېلىنىدۇ

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىف ئىسفاھان ئۆلكىسىدىكى ناتانز يادرو ئىتانسىسىسغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ ئارقىسىدا ئىسرائىلىيەنىڭ قولى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چوقۇم ئىنتقامى ئېلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

1619406
جەۋاد زارىف: ئىسرائىلىيەدىن ناتانز يادرو ئىتانسىسىسغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ ئىنتىقامى چوقۇم ئېلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «IRNA» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جەۋاد زارىف ئىران پارلامېنتى دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىغا ئامېرىكانى يادرو كېلىشىمگە قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ئىران ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتلەر ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

جەۋاد زارىف ناتانز يادرو ئىستانسىسىسغا قىلىنغان ھۇجۇم ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، ئامېرىكا تەرىپىدىن ئىرانغا يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارنىڭ بېكار قىلىنىشىغا ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنىڭ يول قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

جەۋاد زارىف ناتانز يادرو ئىستانسىسىسغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ ئەسلىدە ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگولىرىنى بېكار قىلىش ئۈچۈن ئىران ئېلىپ بېرىۋاتقان سۆھبەتنى نىشان قىلغانلىقى تەكىتلەپ، «زىئونىستلار ئېمبارگولارنى بىكار قىلىشتىكى مۇۋەپپەقىيىتىمىزنىڭ ئىنتىقامىنى ئىران خەلقىدىن ئېلىشنى خالايدۇ. ئەمما بىز بۇنىڭغا يول قويمايمىز ۋە زىئونىستلارنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ ئىنتىقامىنى چوقۇم ئالىمىز» دېدى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى سەيىد خاتىبزادە ھەر خىل مەنبەلەرنىڭ ۋەقەنىڭ ئارقىسىدا ئىسرائىلىيەنىڭ قولى بارلىقىنى جەزملەشتۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ،  ئىراننىڭ يادرو تىرىشچانلىقىنىڭ ھەرگىز تۆۋەنلىمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈنۈگۈن ئەتىگەندە ناتانز يادرو ئىستانسىسىسنىڭ توك تەقسىملەش تورىدا ۋەقە چىققانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

 تەكشۈرۈشتىن كېيىن كەچتە، ئىران ئاتوم ئېنېرگىيە ئورگىنى باشلىقى ئەلى ئەكبەر سالىھى بۇ ۋەقەنىڭ «تېرورلۇق ھەرىكىتى» ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر