ھاراقنى تاشلاش ئۆمرىڭىزنى 28 يىل ئۇزارتالايدۇ

شىۋىتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولمدىكى كارولىنسكا ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسلىرى ھاراقتىن ۋاز كېچىشنىڭ ئىنسان ئۆمرىنى 28 يىل ئۇزارتالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1619568
ھاراقنى تاشلاش ئۆمرىڭىزنى 28 يىل ئۇزارتالايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Express» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 20 يىل بويىچە دانىيە، فىنلاندىيە ۋە شىۋىتسىيەدە ھاراقكەشلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىنى كۆزىتىپ كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر، تەتقىقاتقا قاتناشقانلار ئارىسىدىكى بولۇپمۇ ھاراق ئىچىدىغانلار ئارىسىدا ھەر خىل كېسەللىكلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈملەرنىڭ كۆپ كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.  

ھاراق ئىچىدىغانلار گۇرۇپپىدىكى كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىنىڭ 28 ياش قىسقا بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.  

دوختۇرلار ئىسپىرتنىڭ بەدەنگە ئېلىپ كېلىدىغان سەلىبىي تەسىرى ھەققىدە داۋاملىق دېگۈدەك ئاگاھلاندۇرۇشتا بولۇپ كەلمەكتە.

ئاز مىقداردىكى ئىسپىرتنىڭمۇ راك، دېۋەڭلىك ۋە تۇغماسلىق خەۋىپىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقى، شۇنداقلا يۈرەك، مېڭە ۋە جىگەرنىڭ خىزمىتىگە سەلىبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر