دونباستا بىر ئۇكرائىنا ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلدى

ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى دونباس رايونىدا رۇسىيەپەرەس بۆلگۈنچىلەرنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە بىر ئۇكرائىنا ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلدى.

1619759
دونباستا بىر ئۇكرائىنا ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئارمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مەسئۇللىرىغا بۇ ھەقتە مەلۇمات يەتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، دونباس رايونىدا رۇسىيەپەرەس بۆلگۈنچىلەر  ئاتقان ئوقتا، بىر ئۇكرائىنا ئەسكىرىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئۇكرائىنا ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى رۇسلان ھومچاك 30-مارت ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيەنىڭ مانېۋىرنى باھانە قىلىپ ئۇكرائىنا چېگراسى ئەتراپىغا ئەسكەر يۆتكىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.

رۇسىيە، ئۇكرائىنا، ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن تەشكىللەنگەن ئۇچ تەرەپ، 2020-يىلى 27-ئىيۇلدىن باشلاپ كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش توختىتىشنى قارار قىلغان ئىدى.

رايوندا نامدا مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان رۇسىيەپەرەس بۆلگۈنچىلەر بىلەن كىيېۋ ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا 2014-يىلىدىن تارتىپ داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا 13 مىڭدىن ئارتۇق كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر