بىرمادا جېنىدىن ئايرىلغان نامايىشچىلار سانى 706 گە چىقتى

بىرمادا ھەربىي ئۆزگىرىش ۋە خەلق تەرىپىدىن سايلانغان ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا قارشى باشلانغان نامايىشلاردا، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ قوراللىق باستۇرۇشى نەتىجىسىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 706 گە چىقتى.

1619443
بىرمادا جېنىدىن ئايرىلغان نامايىشچىلار سانى 706 گە چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىياسىي تۇتقۇنلارغا ياردەم جەمئىيىتى كۈندىلىك دوكلاتىدا، يېقىنقى 24 سائەتتە بەش كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ بىلەن جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 706 گە، تۇتقۇن قىلىنغانلار سانىنىڭ 3 مىڭ 59 غا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دوكلاتتا يەنە، ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى چىققان 657 كىشى ئۈستىدە تۇتۇش قارارى بارلىقى قەيت قىلىندى.

خەلقئارا دەرىجىگە ئايرىش «Fitch Solutions» شىركىتى ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشلار ۋە خەلقنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەن بىرما ئىقتىسادىنىڭ، بۇ يىل (2021) %20 تۆۋەنلەيدىغانلىقىنىڭ پەرەز قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بىرما ئارمىيەسى 2020-يىلى 8-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ساختىپەزلىك قىلىنغانلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ۋە دۆلەتتە سىياسىي جىددىيچىلىك كەسكىنلەشكەندىن كېيىن 1-فېۋرال (2021) ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغان ئىدى.

بىرما ئارمىيەسى دۆلەتنىڭ ئەمەلىيەتتىكى رەھبىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاڭ سان سۇچى قاتارلىق نۇرغۇن ھۆكۈمەت ۋە پارتىيە ئەمەلدارلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، بىر يىللىق جىددىي ھالەت ئېلان قىلغان ئىدى.

بىرمادا بىر تەرەپتىن كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار داۋاملىشىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ھەربىي سوتتا سوتلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر