ئۇيغۇررايونىدا بىر كۆمۈر كاننى سۇ باستى
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بىر كۆمۈر كېنىنى سۇ بېسىپ، 21 ئىشچى كاندا قاپسىلىپ قالدى.
1618876
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالاقىدار مەسئۇللار ئۇيغۇر رايونىغا قاراشلىق قۇتۇبى ناھىيەسىگە جايلاشقان بىر كۆمۈر كاننى ئەتىگەندە سۇ باسقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
كاندا ئىشلەۋاتقان 29 ئىشچىدىن 8 كىشىنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقى، 21 كىشىنىڭ قاپسىلىپ قالغانلىقى ئېلان قىلىندى.
ۋەقە ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلاندى، ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
خىتايدا 10-يانۋار ئالتۇن كانىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 10 كىشى قازا قىلغان ئىدى.
خىتاي دۆلەتلىك كان بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى 19-يانۋار ئېلان قىلغان باياناتىدا، دۆلەتنىڭ كۆمۈر كانلىرىدىن سىرت، 32 مىڭ كاننى ئەتراپلىق تەكشۈرۈشنى قارار قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.