ئىراننىڭ ناتانز يادرو ئىستانسىسىدا ۋەقە چىقتى

ئىران ئاتوم ئېنېرگىيە ئورگىنى باياناتچىسى بەھرۇز كەمالۋەندى ئىسفاھاندىكى ناتانز يادرو ئىستانسىسىسىنىڭ توك تارقىتىش تورىدا ۋەقە چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

1618910
ئىراننىڭ ناتانز يادرو ئىستانسىسىدا ۋەقە چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەھرۇز كەمالۋەندى ۋەقەدە ھېچكىشىنىڭ يارىلانمىغانلىقىنى ۋە ھېچقانداق بۇلغىنىشنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ۋەقەنىڭ سەۋەبى ھەققىدە تەكشۈرۈشلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىراننىڭ ئىسفاھان شەھىرىگە جايلاشقان ناتانز يادرو ئىستانسىسىسىدا 2000 -يىلى ئىيۇل ئېيىدىمۇ، ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن ۋە بۇنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

ناتانز يادرو ئىستانسىسىسىدا پىرېزىدېنت ھەسەن رۇھانىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئالدىنقى سانتىرىفۇژلارغا سېلىشتۇرغاندا، 10 ھەسسە كۆپ ئۇران ئىشلەپچىقىرىلىپ،  146 دانىدىن تەركىب تاپقان IR6 سانتىرىفۇژ زەنجىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر