ئامېرىكا «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇردى

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى — پېنتاگون، نۇقتىلىق ھالدا ئارمىيە ئىچىدىكى ئاق تەنلىكلەر ئىرقچىلىقىغا قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرۇپ چىقتى.

1618694
ئامېرىكا «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 6 – يانۋاردىكى دۆلەت مەجلىسىگە باستۇرۇپ كىرىش ۋەقەسىگە كۆپ ساندا دەم ئېلىشقا چىققان ئەسكەرلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈردى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى للويىد ئوستىن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئارمىيەنىڭ ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرەش قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇقتۇرۇشتا، پېنتاگوندىن «ئاشقۇنلۇق» نىڭ ئېنىقلىمىسىغا قايتا قاراپ چىقىش تەلەپ قىلىندى ۋە تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە بۇ ئۇقۇمغا قايتىدىن ئېنىقلىما بېرىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئارمىيەدىن ئايرىلغانلارنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە يېڭى بەلگىلىمىلەرنىڭ قوشۇلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا، ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىش ۋە ھەربىي خىزمەتتىكى ئەسكەرلەرنىڭ تەكشۈرۈلۈشى جەريانىدا سورىلىدىغان سوئاللارغىمۇ ئۆزگەرتىشلەر كىرگۈزۈلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.


خەتكۈچ: #ئامېرىكا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر