ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون كىربى، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىغا توپلىغان ئەسكەر سانىنىڭ 2014- يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئەسكەر توپلاش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1618609
ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى كىربى كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي چېگراسىغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەيىبلىدى.

كىربى موسكۋانىڭ مۇددىئاسىنى ئوچۇق- ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇ يەرگە ھەربىيلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ رايوننىڭ مۇقىملىقىغا تۆھپە قوشىدىغان قەدەم ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رۇسىيەنىڭ رايوندا پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتىنى نەزەرگە ئېلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن كىربى، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇشى توغرىسىدا توختىلىپ: «بۇ ناھايىتى چوڭ يىغىلىش، بۇ بىز 2014- يىلىدىن بۇيان كۆرگەن ئەڭ چوڭ (ئەسكەر) يىغىش» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر