پفىزېر بىلەن بىئونتېك ئامېرىكاغا ئىلتىماس سۇندى

پفىزېر شىركىتى بىلەن بىئونتېك شىركىتى بىرلىشىپ تەرەققىي قىلدۇرغان كوۋىد – 19 ۋاكسىنىسىنىڭ  12 — 15 ياش ئارىلىقىدىكى بالىلارغا ئەملىنىشى ئۈچۈن ئامېرىكاغا ئىلتىماس سۇندى.

1618670
پفىزېر بىلەن بىئونتېك ئامېرىكاغا ئىلتىماس سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى دورا شىركىتى — پفىزېر بىلەن مەركىزى گېرمانىيەگە جايلاشقان بىئوتېخنىكا شىركىتى — بىئونتېك بىرلىشىپ تەرەققىي قىلدۇرغان كوۋىد – 19 ۋاكسىنىسىنىڭ  12 — 15 ياش ئارىلىقىدىكى بالىلارغا ئەملىنىشى ئۈچۈن، ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسىغا «جىددىي ئەھۋال ئىشلىتىش» ئىجازەتنامىسى ئىلتىماسى سۇندى.

پفىزېر بىلەن بىئونتېك قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلدرۇغان كوۋىد – 19 ۋاكسىنىسىنىڭ 12 — 15 ياش ئارىسىدىكلەرگە ئەملىنىشى ئۈچۈن ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسىغا «جىددىي ئەھۋال ئىشلىتىش» ئىجازەتنامىسى ئىلتىماسى سۇنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئالدىنقى ئايدىكى تەكشۈرۈشنىڭ، بۇ ۋاكسىنىنىڭ 12 — 15 ياش ئارىلىقىدىكلەرگە %100 ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا: «بۇ ئىلتىماس ھۆكۈمەتلەرنىڭ يەر شارى ۋاكسىنا ئەملەش تىرىشچانلىقىنى قوللاشتىكى مۇھىم قەدىمىمىزگە ۋەكىللىك قىلىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئامېرىكا دورىگەرلىك شىركىتى — پفىزېرنىڭ تۈرك تەتقىقاتچىلار ئۆزلەم تۈرەجى ۋە ئۇغۇر شاھىنلار قۇرغۇچى شېرىكى بولغان گېرمانىيە بىئوتېخنىكا شىركىتى — بىئونتېك بىلەن ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلدۇرغان كوۋىد – 19 ۋاكسىنىسى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈپ ئەملىنىشكە باشلانغان تۇنجى ۋاكسىنا بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر