ياۋروپا – ئاقدېڭىز كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى نېتانياھۇغا نارازىلىق بىلدۈردى

ياۋروپا – ئاقدېڭىز كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ ئىسرائىلىيە ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ھوقۇقى بولمىغان خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى بىلەن ھەمكارلاشمايدىغانلىقىغا ئالاقىدار باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1617838
ياۋروپا – ئاقدېڭىز كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى نېتانياھۇغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا – ئاقدېڭىز كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ئىسرائىلىيە بۇ قارارنى، ئۆزىنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرىدىغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى سادىر قىلغانلىقىنى بىلگەنىلىكى ئۈچۈن چىقاردى، خەلقئارالىق تەكشۈرۈشلەر مەسىلىسىدە  ھەمكارلاشماسلىق قارارى، مەسئۇلىيەتتىن قېچىشنىڭ نامايەندىسىدۇر.»

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدىن، ھېچقانداق بېسىمغا باش ئەگمەسلىك ۋە تەكشۈرۈشنى باشلاش تەلەپ قىلىنغان باياناتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوللاش ۋە تەكشۈرۈشتىن ئورۇن ئالىدىغان ئادۋوكاتلار، گۇۋاھچىلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەتچىلىرىنى قوغداش تەلەپ قىلىندى.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بېننى گانتىز، باش تەپتىش ئاۋىچاي ماندېلبلىت ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرى بىلەن 8 – ئاپرېل كۈنى چاقىرىلغان يىغىندا، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ تەپتىشى فاتۇ بېنسۇداغا، ئۇنىڭ ئىسرائىلىيە ئۈستىدىن تەكشۈرۈش باشلاش ھوقۇقى يوقلۇقىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى بىلەن بۇ جەھەتتە ھەمكارلىشىشنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش قارار قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر