ۋېنېزۇئېلا ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەدىن قامالدىكى بايلىقلىرىنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى

ۋېنېزۇئېلا، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) ۋاكسىنىسى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكادىن توڭلىتىلغان ئالتۇن زاپىسى ۋە بانكا ھېساباتىنى ئەركىن قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

1617793
ۋېنېزۇئېلا ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەدىن قامالدىكى بايلىقلىرىنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلا دىپلوماتىيە مىنىستىرى جورجې ئاررېزا تۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، دۆلىتىنىڭ چەت ئەلدە قامال قىلىۋېلىنغان بايلىقلىرىنىڭ ئەركىن قويۇۋېتىلىشىنى تەلەپ قىلىپ: «ۋاكسىنا سېتىۋېلىنىشى ئۈچۈن ئىمبارگولار بىكار قىلىنىشى ۋە مىلياردلارچە دوللاردىن كەم دېگەندە 300 مىليون دوللار قويۇپ بېرىلىشى كېرەك. بىز بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇنى تەلەپ قىلغان بولساقمۇ، نە ئامېرىكا، نە ئەنگىلىيە تەلىپىمىزگە ئىجابىي جاۋاب قايتۇرمىدى» دېدى.

ۋېنېزۇئېلادا نىكولاس مادۇرو ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچىلەر 21- مارتتا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ كوۋىد -19 ۋاكسىنىسى سېتىۋېلىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

ۋېنېزۇئېلانىڭ ئەنگىلىيە مەركىزىي بانكىسىدىكى ئالتۇنىنىڭ قىممىتىنىڭ 930 مىليون ياۋروغا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئامېرىكا ئېمبارگوسى سەۋەبىدىن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن ۋېنېزۇئېلانىڭ ساغلاملىق سىستېمىسىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرالماسلىقىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.

ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتى، بىرىنچى قېتىم 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئەنگلىيە مەركىزى بانكىسىدىن قامال قىلىۋالغان ئالتۇنلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانىدى.

بانكا 2019- يىلى 1- ئايدا بۇ تەلەپنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما شۇ ئايدا ئۆزىنى ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت دەپ جاكارلىغان خۇان گۈايدو بۇ ئالتۇنلارنىڭ مادۇرو ھۆكۈمىتىگە بېرىلمەسلىكىنى تەلەپ قىلغانىدى.

پىرېزىدېنت مادۇرونى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇرلاش ئۈچۈن جازا يۈرگۈزگەن ئامېرىكا، باشقا دۆلەتلەر ، چەت ئەل بانكىلىرى ۋە شىركەتلەرنى بۇ ئېمبارگولارغا خىلاپلىق قىلماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر