بۇلغارىيەدە ھېچقايسى پارتىيە ھۆكۈمەت قۇرۇش سانىغا يېتەلمىدى

بۇلغارىيەدە مەركىزىي سايلام كومىتېتى 4-ئاپرېل (2021) دا ئۆتكۈزۈلگەن ۋە قاتنىشىش نىسبىتى %49.1 كە يەتكەن پارلامېنت سايلىمىغا مۇناسىۋەتلىك رەسمىي نەتىجە ئېلان قىلىندى.

1617753
بۇلغارىيەدە ھېچقايسى پارتىيە ھۆكۈمەت قۇرۇش سانىغا يېتەلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇلغارىيە مەركىزىي سايلام كومىتېتى 4-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىنىڭ رەسمىي نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلدى.

نەتىجىلەرگە ئاساسلانغاندا، 240 كىشىلىك پارلامېنتتا، باش مىنىستىر بويكو بورىسوۋ (Boyko Borisov) نىڭ «بۇلغارىيەنىڭ ياۋروپالىق تەرەققىياتى ئۈچۈن يۇرتداشلار پارتىيەسى» 75 ئورۇنغا، سلاۋى ترىفونوۋ (Slavi Trifonov) نىڭ «بۇنداق بىر خەلق بار پارتىيەسى» 51 ئورۇنغا ئىگە بولغان.

پارلامېنتتا، يىلتىزى كوممۇنىست بولغان رۇسىيەپەرەس بۇلغارىيە سوتسىيالىست پارتىيەسى 43، ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى تۈركلەر بولغان «ھەق-ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەر ھەرىكىتى پارتىيەسى» 30 ئورۇنغا ئىگە بولغان.

باش مىنىستىر بويكو بورىسوۋغا قارشى نامايىش ھەرىكەتلىرىگە باشچىلىق قىلغان ئوڭچىل «دېموكراتىك بۇلغارىيە پارتىيەسى» 27 ئورۇنغا ۋە سولچى «ئورنىڭدىن تۇر! ماگاندالار چىقىپ كەت!» پارتىيەسى 14 ئورۇنغا ئىگە بولغان.

بىلدۈرۈلىشىچە، 6 مىليون 789 مىڭ 605 سايلىغۇچى بولغان بۇلغارىيەدە، 3 مىليون 334 مىڭ 283 كىشى بېلەت تاشلىغان.

سايلام نەتىجىسى بۇلغارىيەدە ھېچقايسى سىياسىي پارتىيەنىڭ ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمەت قۇرالمايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. يەنى، يېڭى كابېنتنىڭ پارلامېنتتىن ئىشەنچ ئاۋازى ئالالىشى ئۈچۈن، ئەڭ ئاز دېگەندە 121 پارلامېنت ئەزاسىغا ئىگە بولۇشى كېرەك.

2020-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مافيا بىلەن مۇناسىۋىتى بار، دەپ ئەيىبلىنىپ خەلق نامايىشلىرى باشلانغاندىن بۇيان ئاخبارات بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزگەن باش مىنىستىر بويكو بورىسوۋ، رەسمىي نەتىجىلەرنى ساقلىماستىن پارلامېنت ئەزالىقىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ «ئالاھىدە ئىمتىياز قالقىنى» غا ئېھتىياجىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، پارلامېنتقا كىرگەن باشقا پارتىيەلەرنىڭ ئىشەنچ ئاۋازى ئۈچۈن قوللىشىغا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى، پارلامېنتتا ئەڭ چوڭ گۇرۇپپىسى بولغان پارتىيەسى نامىدا قۇرىدىغان ھۆكۈمەتنىڭ پارلامېنتتىن ئۆتەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر