ئامېرىكا ئىراقتىكى ئەسكەرلەرنىڭ چېكىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك كېلىشىم يوقلۇقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون، بەش بۇرجەكلىك بىنا) باياناتچىسى جون كىربى (JohnKirby) ئىراقتىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ چېكىنىش ۋاقتىغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق كېلىشىم يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

1617038
ئامېرىكا ئىراقتىكى ئەسكەرلەرنىڭ چېكىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك كېلىشىم يوقلۇقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن ئىراق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فۇئاد ھۈسەيىننىڭ باشچىلىقىدا ئىككى دۆلەت ھەيئەتلىرىنىڭ 3-قېتىملىق دىيالوگ ئۇچرىشىشلىرىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ئورتاق بايانات تالاش-تارتىش قوزغىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جون كىربى كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئېيتقان «ئىراقتىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ چېكىنىش مۇساپىسىنىڭ داۋاملىشىشى توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىندى» دېگەن سۆزىنىڭ، ئەمەلىيەتتە چېكىنىشنىڭ باشلىنىدىغانلىقى مەنىسىنى بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ: «بايانات، ئىككى تەرەپنىڭ ئاخىرقى چېكىنىش ئۈستىدە بەزى قوشۇمچە تېخنىكىلىق ئۇچرىشىشلارنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىنى قارار قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېدى.

ئۇ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئامېرىكانىڭ ئىراقتىكى مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە پىكىر بىردەكلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ يەنە، ئامېرىكانىڭ چېكىنىش نىيىتىنىڭ يېڭى ئەمەسلىكىنى، ئەمما باياناتتىكى يېڭى نۇقتىنىڭ چېكىش توغرىسىدىكى «تېخنىكىلىق ئۇچرىشىشلارنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى» ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ: «ھازىر بەزى ئەسكەرلەرنىڭ قاچان چېكىنىدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق كېلىشىم يوق» دېدى.

سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى ئىراقتىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى 2 مىڭ 500 گە قىسقارتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئەمما، 20-يانۋار (2021) ھوقۇقنى تاپشۇرۇۋالغان جو بايدىن ھۆكۈمىتى بارلىق ئەسكەر ئەۋەتىش ۋە چېكىنىش ئىشلىرىنى ۋاقىتلىق توختاتقان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر