ئەنگلىيە 30 ياشتىن تۆۋەنلەرگە ئاسترا زېنېكا ۋاكسىنىسىنى ئەملەشنى توختىتىشنى قارار قىلدى

ئەنگلىيە قان ئۇيۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئاسترا زېنېكا شىركىتى بىرلىشىپ ئىشلەپچىقارغان ۋاكسىنىسىنى 30 ياشتىن تۆۋەنلەرگە ئەملىمەسلىكنى قارار قىلدى.

1617010
ئەنگلىيە 30 ياشتىن تۆۋەنلەرگە ئاسترا زېنېكا ۋاكسىنىسىنى ئەملەشنى توختىتىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە دورا ۋە ساقلىقنى ساقلاش مەھسۇلاتلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگىنى، ئوكسفورد-ئاسترا زېنېكا ۋاكسىنىسىنىڭ ئېغىر كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا يەنىلا زور پايدىسى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، 3- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە 79 كىشىدە قان ئۇيۇلۇش پەيدا قىلغانلىقىنىڭ بىلدۈرۈلگەنلىكى، مەزكۇر كىشىلەرنىڭ 19 نەپىرىنىڭ قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، قاننىڭ ئۇيۇلۇشىغا نېمىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنىڭ ئېنىقلىنالمىغانلىقى قەيت قىلىندى.

قان ئۇيۇلۇش ئالامىتى كۆرۈلگەن 51 نەپىرى ئايال، 28 نەپىرى ئەر بولۇپ جەمئىي 79 كىشىنىڭ 18 ياش بىلەن 79 ياش ئارىلىقىدىكى كىشىلەر ئىكەنلىكى، قازا قىلغان 19 كىشىدىن ئۈچىنىڭ 30 ياشتىن تۆۋەن ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

قازا قىلغان 19 كىشىنىڭ 14 نەپىرىنىڭ مېڭىسىدە، بەش نەپىرىنىڭ تومۇرلىرىدا قان ئۇيۇلۇش كۆرۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ئەنگلىيە دورا ۋە ساقلىقنى ساقلاش مەھسۇلاتلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ باياناتىدىن كېيىن،  ۋاكسىنا كومىتېتى، ياشلاردا كۆرۈلگەن قان ئۇيۇلۇش سەۋەبىدىن 30 ياشتىن تۆۋەنلەرگە بۇنىڭدىن كېيىن پىفىزېر ياكى مودېرنا ۋاكسىنىسىنىڭ ئەملىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئوكسفورد-ئاسترا زېنېكا ۋاكسىنىسىنىڭ بىرىنچى قېتىملىقىنى ئەملەتكۈزگەنلەرنىڭ ئوخشاش ۋاكسىنىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىقىنى ئەملەتسە بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئەنگلىيەدە ھازىرغىچە 20 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمگە ئاسترا زېنېكا ۋاكسىنىسىنىڭ ئەملەنگەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر