بىرما باش ئەلچىسى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەلچىخانا بىناىسىغا كىرگۈزۈلمىدى

بىرمانىڭ لوندوندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ھەربىي ئىشلار دىپلوماتى، دۆلىتىدە يۈز بەرگەن ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشنى قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بېرما باش ئەلچىسى كياۋ زۋار مىننىڭ ئەلچىخانا بىناسىغا كىرىشىگە يول قويمىدى.

1617043
بىرما باش ئەلچىسى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەلچىخانا بىناىسىغا كىرگۈزۈلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زۋار مىنن ئەلچىخانا بىناسىنىڭ سىرتىدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ھەربىي ئىشلارغا مەسئۇل دىپلوماتنىڭ ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ بىنادىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھەربىي دىپلوماتنىڭ ئۆزىگە «ئەمدى دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقى»نى ئېيتقانلىقىنى بايان قىلغان مىن، بۇ ۋەقەگە «لوندوننىڭ مەركىزىدە يۈز بەرگەن كىچىك سىياسىي ئۆزگىرىش» دەپ باھا بەردى.

بىر ئەلچىخانا خىزمەتچىسىنىڭ، ئەلچىخانا بىناسى ئالدىدا ماشىنىسىدا ئارام ئېلىۋاتقان باش ئەلچىنىڭ كېچىنى ماشىنىسىدا ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

لوندون ساقچىلىرى ئەلچىخانا بىناسى ئەتراپىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى.

باش ئەلچى مىنن ئەنگلىيە مەتبۇئاتلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، دۆلىتىنىڭ ئىچكى ئۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قالغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «مەن بېرمالىقلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كۆرۈشنى خالىمايمەن» دېدى.

مىن ئۆزىنىڭ سۇ چى ھۆكۈمىتى دەۋرىدە باش ئەلچىلىككە تەيىنلەنگەنلىكىنى ۋە ھەربىي ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقىغا بۇيسۇنمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، بېرمادا ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان ئارمىيە، دۆلەتتىكى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش ۋە سايلانغان ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى تەنقىد قىلغان باش ئەلچى مىنننىڭ بىرماغا قايتىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر