ئاسترازېنېكا ۋاكسىناسىنى بالىلاردا سىناق قىلىش توختىتىلدى

ئوكسفورد ئۇنىۋېرستېتى (Oxford) ئاسترازېنېكا (AstraZeneca) شىركىتى بىلەن تەتقىق قىلىپ ياسىغان ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) ۋاكسىناسىنى بالىلاردا سىناق قىلىشنى توختاتتى.

1616253
ئاسترازېنېكا ۋاكسىناسىنى بالىلاردا سىناق قىلىش توختىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوكسفورد ئۇنىۋېرستېتى ئاسترازېنېكا ۋاكسىناسىنىڭ بالىلاردا سىناق قىلىشنىڭ توختىتىلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «بالىلار كلىنكىلىق تەكشۈرۈشىدە بىخەتەرلىك ئەندىشەسى بولمىسىمۇ، بىز ئەنگىلىيە دورىگەرلىك ۋە ساقلىقنى ساقلاش مەھسۇلاتلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگىنى (MHRA) نىڭ يېڭى سىناقتىن ئىلگىرى چوڭلاردا دوكلات قىلىنغان ئاز ئۇچرايدىغان قان تومۇر قېتىشىش / قان تومۇر ئۆسمىسى (قان ئۇيۇلۇش) نى تەكشۈرۈش توغرىسىدا قوشۇمچە ئۇچۇرغا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېيىلدى.

ئۇنىۋېرسىتېت فېۋرال (2021) دىكى باياناتىدا، 6 ياشتىن 17 ياشقىچە بولغان 300 پىدائىي بىلەن سىناق ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئەنگىلىيە دورىگەرلىك ۋە ساقلىقنى ساقلاش مەھسۇلاتلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگىنى ئەنگىلىيەدىكى ئوكسفورد-ئاسترازېنېكا ۋاكسىناسى ئەملەنگەن 18.1 مىليون كىشىدىن 30 ىنىڭ قان نوكچىسىغا گىرىپتار بولغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ 7 نەپىرىنىڭ 24-مارتتىن باشلاپ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى، ئەمما ھازىرغىچە قان نوكچىسى شەكىللىنىش بىلەن بۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا قانداق باغلىنىشنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدىغان ھېچقانداق پاكىتنىڭ يوقلۇقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ياۋروپا تېببىي دورا ئىدارىسى (EMA) تۈنۈگۈن (2021-يىلى 6-ئاپرېل) ئاسترازېنېكا ۋاكسىناسى بىلەن قان نوكچىسى ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش بارلىقىنى، ئەمما سەۋەبىنىڭ تېخى ئېنىقلانمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرى قان ئۇيۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ مەزكۇر ۋاكسىنانى ئەملەشنى ۋاقتىنچە توختاتقان ياكى يېشىغا ئاساسەن چەكلىمىلەر قويۇلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر