قىزىل دېڭىزدا ئىرانغا تەۋە «ساۋىز» ناملىق سودا پاراخوتىدا پارتىلاش يۈز بەردى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى سەييىد خاتىبزادە قىزىل دېڭىزدا ئىرانغا تەۋە «ساۋىز» ناملىق سودا پاراخوتىدا پارتىلاش يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە پاراخوتنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1616431
قىزىل دېڭىزدا ئىرانغا تەۋە «ساۋىز» ناملىق سودا پاراخوتىدا پارتىلاش يۈز بەردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، سەييىد خاتىبزادە تۈنۈگۈن قىزىل دېڭىزنىڭ جىبۇتى قىرغاقلىرىغا يېقىنلاشقان ساۋىز ناملىق سودا پاراخوتىدا شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 06:00 ئەتراپىدا پارتىلاش يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتقان.

سەييىد خاتىبزادە پارتىلاشنىڭ مەنبەسى ۋە شەكلىگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ۋەقەدىن كېيىن پاراخوتنىڭ قىسمەن زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى، ئەمما ئۆلۈم-يېتىم ۋە يارىلىنىشنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

پۇقراۋى ساۋىز ناملىق پاراخوتنىڭ دېڭىز قاراقچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ۋە دېڭىز بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن قىزىل دېڭىزدا پاراخوتلارنىڭ قاتناش لىنىيەسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلغان خاتىبزادە، خەلقئارا دېڭىزچىلىق تەشكىلاتى (IMO) بىلەن ماسلىشىش ئورنىتىلغانلىقىنىمۇ بىلدۈرگەن.

خاتىبزادە ساۋىز ناملىق پاراخوتنىڭ قىزىل دېڭىزدا ئىراننىڭ پاراخوتلىرىغا ئارقا سەپ تەمىنات بېكىتى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەنلىكىنى ۋە پاراخوتنىڭ ۋەزىپىسى ھەمدە ئالاھىدىلىكىنىڭ خەلقئارا دېڭىزچىلىق تەشكىلاتى (IMO) غا ئالدىن ئۇقتۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر