موزامبىكتا پەيدا بولغان «ئەنسارۇل سۈننە» ناملىق تېرورلۇق تەشكىلاتى پۇقرالاغا زىيان سالماقتا

ھىندى ئوكياننىڭ دېڭىز قىرغىقىدىكى شەرقىي ئافرىقا دۆلىتى موزامبىكتا ئەنسارۇل سۈننە تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پالما رايونىدا ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن 30 مىڭ كىشى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە موھتاج ھالغا چۈشۈپ قالدى.

1616410
موزامبىكتا پەيدا بولغان «ئەنسارۇل سۈننە» ناملىق تېرورلۇق تەشكىلاتى پۇقرالاغا زىيان سالماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، موزامبىكنى ئاساس قىلغان ياردەم تەشكىلاتى «دۆلەتلىك ئاپەت خەۋپىنى باشقۇرۇش ۋە ئازايتىش تەتقىقات ئورگىنى» (INGD) پالمادا تەخمىنەن 40 مىڭ كىشىنىڭ ياشايدىغانلىقى ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسى سەۋەبىدىن 9 مىڭ كىشىنىڭ پەمبا، مۇئېدا، نانگادە ۋە مونتېپۇئېز قاتارلىق رايونلاردا پاناھلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

باياناتتا، پالمادىكى ھۇجۇملار سەۋەبىدىن تەخمىنەن 30 مىڭ كىشىنىڭ جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە موھتاج ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن موزامبىك ھۆكۈمىتىنىڭ 30 كۈن ئىچىدە رايونغا 585 مىليون دوللارلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزىدىغانلىقى ھەمبەھىرلەندى.

موزامبىكتە ئەنسارۇل سۈننە تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پۇقرالارغا قىلغان ھۇجۇمى سەۋەبىدىن كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان پۇقرالار سانىنىڭ 670 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ئۇقتۇرۇلماقتا.

موزامبىكتا تەبىئىي گاز ۋە قىممەتلىك كان بايلىقلىرى جايلاشقان تانزانىيە چېگراسىدىكى كابو دېلگادو رايونىدا 4 يىل ئىلگىرى پەيدا بولغان تېرورلۇق تەشكىلاتى ئەنسارۇل سۈننەنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن 2000 دىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

بۇ ھۇجۇمنى ئېلىپ بارغان ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بىلەن چېتىشلىقى بار دەپ قارالىۋاتقان قوراللىق تەشكىلاتنى يەرلىك خەلق  «ئەششەباب» دەپمۇ ئاتايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر