ھەسەن رۇھانى يادرو كېلىشىمىنىڭ جانلىنىشىدا يېڭى بىر دەۋرگە شاھىت بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ئاۋستىرىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېننادا، فىرانسىيە، ئەنگلىيە، خىتاي، رۇسىيە، گېرمانىيە (4 + 1 دۆلەتلەر) بىلەن ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتلىرى ئۆتكۈزگەن يىغىن ئۈستىدە توختالدى.

1616386
ھەسەن رۇھانى يادرو كېلىشىمىنىڭ جانلىنىشىدا يېڭى بىر دەۋرگە شاھىت بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇھانى تۈنۈگۈن (2021-يىلى 6-ئاپرېل) پايتەخت تېھراندىكى مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن سۆز قىلىپ، ئاۋستىرىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېننادا، فىرانسىيە، ئەنگلىيە، خىتاي، رۇسىيە، گېرمانىيە (4 + 1 دۆلەتلەر) بىلەن ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتلىرى ئۆتكۈزگەن يىغىن ئۈستىدە توختالدى.

رۇھانى: «يېقىنقى كۈنلەردە يادرو كېلىشىمىنىڭ جانلىنىشىدا يېڭى بىر دەۋرگە شاھىت بولماقتىمىز. يادرو كېلىشىمىگە ئالاقىدار دۆلەتلەر ۋيېناغا يىغىلدى. يىغىنغا ئىران ۋە 4 + 1 دۆلەتلىرى شۇنداقلا ئامېرىكا قاتناشتى. يىغىن مەيلى قانداق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر  مونوپۇللۇق شەكىللەندى. يادرو كېلىشىمىدىن بىرەر ياخشى ھەل قىلىش چارىسى چىقمايدۇ» دېدى.

ھەر قايسى تەرەپ دۆلەتلەرنىڭ يادرو كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قىلىش كېرەكلىكى يەكۈنىگە كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان رۇھانى يەنە مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئەڭ ئېغىر بېسىم سىياسىتىنىڭ مەغلۇب بولغانلىقىنى ۋە سۆھبەتتىن باشقا يولنىڭ يوقلۇقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. ئامېرىكا <ئەگەر تەييار بولساڭلار، بىز بىۋاسىتە سۆھبەتكە تەييارمىز، تەييار بولمىساڭلار، بىز 4 + 1 دۆلەتلىرى بىلەن مۇزاكىرىلىشەلەيمىز> دېدى. بۇ ئىراننىڭ غەلبىسىدۇر ۋە كىچىك كۆرۈشكە بولمايدۇ.»

رۇھانى ئامېرىكا يادرو كېلىشىمىگە قايتىپ كەلگەندە، ئىراننىڭمۇ بارلىق ۋەدىلىرىگە سادىق قالىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلەپ، ئىراننىڭ «IR8 ، IR9» مەركەزلىرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، فوردو يادرو مۇئەسسەسەلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە خالىغان ھامان «IR6» ۋە ئاراك (ھونداب) ئېغىر سۇ رېئاكتورلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر