ئىيوردانىيەدە نەزەربەنت قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن شاھزادە ساداقەتنامىغا ئىمزا قويدى

ئىيوردانىيەنىڭ سابىق تەخت ۋارىسى ھەمزا بىن ھۈسەيىن پادىشاھ 2- ئابدۇللاھقا ساداقىتىنى بىلدۈرىدىغان مەكتۇبقا ئىمزا قويدى.

1615728
ئىيوردانىيەدە نەزەربەنت قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن شاھزادە ساداقەتنامىغا ئىمزا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىيوردانىيە پادىشاھلىق دىۋانىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، شاھزادىلەردىن ھاشىم بىن ھۈسەيىن، تاللال بىن مۇھەممەد، غازى بىن مۇھەممەد ۋە راشىد بىن ھەسەن پادىشاھ 2 - ئابدۇللاھنىڭ تاغىسى ھەسەن بىن تاللالنىڭ ئۆيىدە شاھزادە ھەمزا بىن ھۈسەيىن بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان.

شاھزادە ھەمزا بىن ھۇسەيىن مەكتۇبىدا ھاشىمىيلارنىڭ تارىخ بويىچە ھاكىمىيەتتە ئادالەت ۋە كۆيۈمچانلىقىنى نامايان قىلىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، «مەن پادىشاھقا ۋە ئىيوردانىيە ھاشىمىي پادىشاھلىقىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا سادىق بولىمەن، مەن ھەمىشە پادىشاھنىڭ ۋە تەخت ۋارىسى شاھزادىسىنىڭ قوللىغۇچىسى بولىمەن» دېدى.

پادىشاھنىڭ تاغىسى ھەسەننى شاھزادە ھەمزا بىلەن بولغان مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشقا تەيىنلىگەنلىكى، شاھزادىنىڭمۇ ھاشىمىي خان جەمەتى بەلگىلىگەن ھاكىمىيەتكە ساداقەت كۆرسىتىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن ئىدى.

ئامېرىكانىڭ «ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى» 3-ئاپرېلدا سابىق تەخت ۋارىسى شاھزادە ھەمزا بىن ھۈسەيىن بىلەن  20 كىشىنىڭ «دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت» دېگەن سەۋەب بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

ئىيوردانىيە ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال مايور ئەھمەد ئەل ھۇنەيتى شاھزادە ھەمزانىڭ قولغا ئېلىنمىغانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭدىن دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان پائالىيەتلەرنى توختىتىش تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر