ئامېرىكا خەلقى كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە ترامپنى ئەمەس، بايدىننى ئەيىبلىمەكتە

ئامېرىكادا ئېلىپ بېرىلغان بىر راي سىناش نەتىجىسىدە، مېكسىكا چېگراسىدىكى كۆچمەنلەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىگە قارىتا ئامېرىكا خەلقىنىڭ سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپنى ئەمەس، ھازىرقى پىرېزىدېنت جو بايدىننى جاۋاپكار دەپ قارايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

1615603
ئامېرىكا خەلقى كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە ترامپنى ئەمەس، بايدىننى ئەيىبلىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Hill-HarrisX» تەرىپىدىن 24-ۋە 26-مارتتا ئېلىپ بېرىلغان راي سىناشقا ئاساسلانغاندا،  قاتناشقۇچىلارنىڭ %44 ى ئامېرىكىغا ئۆتۈش ئۈچۈن مېكسىكا چېگراسىغا سەلدەك ئېقىۋاتقان كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە، پىرېزىدېنت بايدىننىڭ جاۋابكارلىقى بارلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا، قانتاشقۇچىلارنىڭ پەقەت %28 ى سابىق پىرېزىدېنت ترامپنىڭ جاۋابكارلىقى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۆزلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن قاتناشقۇچىلارنىڭ %73 ى چېگرادىكى بۇ ۋەزىيەتكە قارىتا ھازىرقى ھۆكۈمەتنى «مەسىلە ياراتقان» دەپ ئەيىپلىگەن.  

دېموكراتلار پارتىيەسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن قاتناشقۇچىلاردىن %46 ى ترامپ ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىگەن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلىپ بېرىلغان راي سىناشتا، 30-سېنتەبىرگىچە مېكسىكا چېگراسىدىن ئامېرىكىغا كىرىدىغان كۆچمەنلەر سانىنىڭ 2 مىليوندىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىنلىكى ۋە بۇ ساننىڭ بىر رېكورت يارىتىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر