ھىندونېزىيە ۋە شەرقىي تېموردىكى سۇ ئاپىتىدە نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى

ھىندونېزىيە ۋە شەرقىي تىموردا قاتتىق يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 155 كە يەتتى.

1615398
ھىندونېزىيە ۋە شەرقىي تېموردىكى سۇ ئاپىتىدە نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندونېزىيە دۆلەتلىك ئاپەت باشقۇرۇش مەركىزى بايانات ئېلان قىلىپ، شەرقىي نۇسا تېڭگارا ئۆلكىسىنىڭ لېمباگا شەھىرىدە 67، شەرقىي فلورېستا 49، ئالوردا 12 كىشىنىڭ جەسىتىنىڭ تېپىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىگىلىنىشىچە، كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدىن كېيىن غايىب بولغان 72 ئادەمنى ئىزدەش خىزمىتى داۋاملاشماقتا ئىكەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، ھىندونېزىيەنىڭ قوشنا دۆلەتلىرىدىن بىرى بولغان شەرقىي تىمورنىڭ پايتەختى دىلى ۋە ئەتراپتىكى ۋىلايەتلەردە كەلكۈن سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 27 گە يەتتى.

تۈنۈگۈن باشلانغان سۇ ئاپىتىدىن كېيىن، مىڭلىغان كىشى بىخەتەر جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر