گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق مۇھاجىر تۈركلەر ماۋرىتانىيەلىك بالىلارنى خۇشاللىققا چۆمدۈردى
گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق مۇھاجىر تۈركلەر ماۋرىتانىيەدە ناچار شارائىتتا ياشاۋاتقان بالىلارنى ھېيتلىق كىيىم ۋە كەمپۈتلەر بىلەن خۇشال قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قانچىلىغان يىللار ئىلگىرى تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئانا ۋەتىنى تۈركىيەدىن ئايرىلىپ، گېرمانىيەگە كەتكەن ۋە گېرمانىيەدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان تۈرك ئائىلىلەر رامىزانلىق ئىئانىلىرىنى ئۆزلىرى ئەزا بولغان ھەر قايسى خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى ئارقىلىق ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن ماۋرىتانىيەگە يەتكۈزدى.
دىنىي ئىشلار ئىدارىسى ۋە تۈركىيە دىنىي ئىشلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ ھەمكارلىقىدا، تۈرك-ئىسلام بىرلىكى گېرمانىيە ۋاكالەتخانىسى (DITIB) بىلەن رايونغا يېتىپ بارغان مۇھاجىر تۈركلەر بىللە ئېلىپ بارغان كىيىم-كېچەكلەرنى براكنا رايونىدىكى بالىلارغا تارقىتىپ بەردى.
ھېيتلىق كىيىم ۋە كەمپۈتلەرنى بالىلارغا تارقىتىپ بەرگەن تۈركلەر، بالىلار بىلەن كۈن بويى ئوخشىمىغان ئويۇنلارنى ئوينىدى ۋە بالىلارغا ئۇنتۇلغۇسىز خۇشال بىر كۈننى بەخش ئەتكەن بولدى.