ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ باشلىقى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا

دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 75 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ باشلىقى ۋولقان بوزقىر ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلدى.

1615767
ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ باشلىقى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوزقىر ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچۇسى مۇستاپا كامال) ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلىپ، ئاتاتۈركنىڭ قەبرىسىگە گۈلچەمبىرەك قويدى، ھەمدە ھۆرمەتتە تۇردى.

«مىساقى مىللىي راۋىقى» غا ئۆتۈپ، ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنىڭ مەخسۇس دەپتىرىنى ئىمزالىغان بوزقىر، دەپتەرگە مۇنۇلارنى يازدى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تارىخىدا بۇ ۋەزىپىنى ئۆز تۈستىگە ئالغان تۇنجى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پۇقراسى بولغانلىقىم ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ ئالىي قارار ماقۇللاش ئورگىنىنى، بولۇپمۇ 75 – نۆۋەتلىك قۇرۇلۇش مەزگىلىدە ھەم مۇشەققەتلىك ‹كوۋىد – 19› يۇقۇمى باسقۇچىدا باشقۇرغانلىقىم ئۈچۈن، ئۆزۈم، دۆلىتىم ۋە خەلقىم نامىدىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن، بۈگۈن تۈركىيە بايرىقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بايراقلىرى بىلەن بىرلىكتە ئومۇمىي كېڭەش ئورگىنىدا لەرزان لەپىلدىمەكتە، ئەزىز خاتىرىڭىز ئالدىدا ھۆرمەت بىلەن ئېگىلىمەن.»

بوزقىر، تۈركىيە زىيارىتى دائىرىسىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەنمۇ كۆرۈشىدىغان بوزقىر، ئۇچرىشىشلىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشىگە خىتاب قىلىدۇ.

ئۇنىڭ يەنە، 10 – ئاپرېل كۈنى، خاتايدا، غەربىي شىمالىي سۈرىيەگە قارىتا ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقان چېگرا ھالقىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ھەرىكەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشى ۋە ۋاقىتلىق پاناھلىنىش مەركىزىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىشى پىلانلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر