نىگېرىيەدە قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ 55 ئەزاسى تۇتۇلدى

نىگېرىيەنىڭ ئېبونيى ئۆلكىسىدە قوراللىق گۇرۇپپىلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋامىدا 55 قوراللىق ئۇنسۇر تۇتۇلدى.

1614710
نىگېرىيەدە قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ 55 ئەزاسى تۇتۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە ئارمىيەسى قوماندانلىرىدىن بىرىگادا كوماندىرى تائورېئېن لاگباجانىڭ ئېيتىشىچە، يېقىندىن بۇيان ئېبونيى ئۆلكىسىدە قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن، ئۇلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋامىدا، 55 قوراللىق ئۇنسۇر تۇتۇلغان، قوراللىق گۇرۇپپىلارغا ئائىت كۆپ ساندا ئوق - دورا قولغا چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، تۇتۇلغانلار سوت مەھكىمىسىگە ئەۋەتىلىدىكەن.

نىگېرىيەنىڭ ئېبونيى ئۆلكىسىدە، 25 – مارت كۈنى كەچتە، قوراللىق كىشىلەرنىڭ ئايرىم - ئايرىم 4 ھۇجۇمىدا 27 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر