موسكۋا: ئۇكرائىنا چېگراسىدىكى ھەرىكەتلەر ھېچكىمگە تەھدىت ئەمەس

موسكۋا ھۆكۈمىتى ئۇكرائىنا چېگراسىدىكى رۇسىيە ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ ھېچكىمگە تەھدىت پەيدا قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1615102
موسكۋا: ئۇكرائىنا چېگراسىدىكى ھەرىكەتلەر ھېچكىمگە تەھدىت ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە كرېمىل سارىيىنىڭ باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ (Dmitry Peskov) رۇسىيەنىڭ دۆلەت ئىچىدە مۇۋاپىق كۆرگەن شەكىلدە ئارمىيە قىسىملىرىنى يۆتكىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە كرېمىل سارىيىنىڭ باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ رۇسىيەنىڭ ھەر قاچان ئۆز بىخەتەرلىكىنى كۆزىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇكرائىنا چېگراسىدىكى ئارمىيە قىسىملىرىنى يۆتكەشنىڭ ئۇكرائىناغا ياكى باشقا دۆلەتلەر ئۈچۈن تەھدىت پەيدا قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇكرائىنا ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى رۇسلان ھومچاق 30-مارت (2021) پارلامېنتتا سۆز قىلغاندا، رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ مانېۋىرنى باھانە قىلىپ، ئۇكرائىنا چېگرالىرى ئەتراپىغا ئەسكەر يۆتكىگەنلىكىنى قەيت قىلغان ئىدى.

رۇسىيە كرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ ئىلگىرىمۇ رۇسىيەنىڭ تېررىتورىيەسىدە قوراللىق كۈچلىرىنى ئۆز ئىرادىسى بويىچە يۆتكىگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ھېچكىم ئۈچۈن تەھدىت ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

رۇسىيە دونباس رايونىدىكى كىرىزىسنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن، رۇسىيە، ئۇكرائىنا ھەمدە ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن تەركىپ تاپقان ئۈچ گۇرۇپپا، 2020-يىلى 27-ئىيۇلدىن تارتىپ كەڭ دائىرىلىك ئۇرۇش توختىتىشنى قارار قىلغان ئىدى.

رايوندا نامدا مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان رۇسىيەپەرەس بۆلگۈنچىلەر بىلەن كىيېۋ ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا 2014-يىلىدىن بۇيان داۋاملشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا، 13 مىڭدىن ئارتۇق كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر