بلۇمبېرگ ۋاكسىنا ئەملەشكە مۇناسىۋەتلىك دوكلات ئېلان قىلىندى

دۇنيا مىقياسىدا 658 مىليوندىن ئارتۇق ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ۋاكسىناسىنىڭ ئەملەنگەنلىكى ئېلان قىلىندى.

1615125
بلۇمبېرگ ۋاكسىنا ئەملەشكە مۇناسىۋەتلىك دوكلات ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى ۋاكسىنا ئەملەشكە مۇناسىۋەتلىك تەييارلانغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، 151 دۆلەتتە جەمئىي 658 مىليوندىن ئارتۇق ۋاكسىنا ئەملەنگەن بولۇپ، بۇ دۇنيا نوپۇسىنىڭ %4.3 نىڭ ئەملەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.

تۈركىيە ئەڭ كۆپ ۋاكسىنا ئەملىگەن دۆلەتلەر ئارىسىدا يەتتىنچى رەتتىن ئورۇن ئالغان.

ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ رەسمىي ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدىن ۋە رەسمىي باياناتلاردىن ۋاباغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلغان بلۇمبېرگ، دۇنيا مىقياسىدا تارقىتىلغان ۋە ئەملەنگەن ۋاكسىنالارنىڭ دوكلاتىنى تەييارلىدى.

دوكلاتتا، دۇنيادا كۈندىلىك ۋاكسىنا ئەملەش نىسبىتىنىڭ ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن 16.5 مىليون دانە ۋاكسىنا ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ھەر قايسى دۆلەتلەر ئەملىگەن ۋاكسىنا سانى بويىچە رەتكە تىزىلغان تىزىملىكتە، بىرىنچى ئورۇندا ئامېرىكا، ئىككىنچى ئورۇندا خىتاي، ئۈچىنچى ئورۇندا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تۇرغانلىقى، بۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ھىندىستان، ئەنگلىيە، بىرازىلىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كېلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تىزىملىكتە يەتتىنچى ئورۇندا تۇرغان تۈركىيەدە، 16 مىليوندىن ئارتۇق ۋاكسىنانىڭ ئەملەنگەنلىكى ۋە بۇنىڭ بىلەن %10 دىن ئارتۇق نوپۇسىنىڭ ئەملەنگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

گېرمانىيە، ھىندونېزىيە ۋە فىرانسىيەنىڭ تىزىملىكتە ئالدىنقى 10 دۆلەتنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر