ئىيوردانىيە پادىشاھىنىڭ ئاكىسى ئامماندىكى سارىيىدا نەزەربەنت قىلىندى

ئىيوردانىيە پادىشاھى ئىككىنچى ئابدۇللاھنىڭ ئاكىسى شاھزادە ھەمزا بىن ھۈسەيىننىڭ پايتەخت ئامماندىكى سارىيىدا نازارەتكە ئېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1614233
ئىيوردانىيە پادىشاھىنىڭ ئاكىسى ئامماندىكى سارىيىدا نەزەربەنت قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ «ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پادىشاھ ھۈسەيىننىڭ چوڭ ئوغلى ۋە پادىشاھ ئىككىنچى ئابدۇللاھنىڭ ئاكىسى شاھزادە ھەمزا بىن ھۈسەيىن بىلەن بىرگە 20 كىشى «دۆلەتنىڭ مۇقىملىققا تەھدىت» دېگەن سەۋەب بىلەن نازارەتكە ئېلىنغان.

شاھزادەنىڭ ئامماندىكى سارىيىدا نەزەربەنت قىلىنغانلىقى ۋە  ناززارەتكە ئېلىنغانلارنىڭ ئارىسىدا بىخەتەرلىك تەشكىلاتىدىنمۇ كىشىلەرنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىيوردانىيەنىڭ «PETRA» ئاگېتنلىقىنىڭ خەۋىرىدە بولسا، شاھزادە ھەمزانىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ياكى نەزەربەند قىلىنغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنىڭ يالغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.  

«PETRA» خەۋەر ئاگېتنلىقىنىڭ ئىلگىرىكى خەۋەرلىرىدە، پادىشاھلىق دىۋانىنىڭ سابىق رەئىسى ئىبراھىم ئاۋاداللاھ ۋە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر