ئامېرىكادىكى قوراللىق ھۇجۇملاردا جەمئىي 6 كىشى قازا قىلدى

ئامېرىكانىڭ شىمالىي كارولىنا ئىشتاتىدا بىر ئۆي زىياپىتىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1614394
ئامېرىكادىكى قوراللىق ھۇجۇملاردا جەمئىي 6 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىلمىڭتون شەھىرىدە زىياپەت بېرىلگەن ئۆيدىن نۇرغۇن قېتىم ئوق ئاۋازى ئاڭلانغاندىن كېيىن، نەق مەيدانغا بارغان ساقچىلار 3 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە 4 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېنىقلىدى.

يارىدارلار يېقىن ئەتراپتىكى يېڭى خاننوۋېر رايونلۇق دوختۇرخانىسىدا بالنىستقا ئېلىندى.  

ۋىلمىڭتون ساقچى ئىدارىسى تۈنۈگۈن كەچتە يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە توختىلىپ، ھۇجۇمنىڭ سەۋەبى ۋە ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ كىملىكى تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، مارىلاند ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن قوراللىق توقۇنۇشتىمۇ 3 كىشى قازا قىلدى.

شاھزادە گېئورگې ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ تۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، ساقچى ئەترىتىنىڭ ئەتىگەندە ئەتراپتىكى مەھەللىلەرنى چارلاۋاتقاندا ئوق ئاۋازى ئاڭلىغانلىقى، نەق مەيداندىكى بىر ئاپتوموبىلنىڭ ئىچىدە 2 ئەر ۋە 1 ئايالنى قورال بىلەن يارىلانغان ھالدا بايقىغانلىقى بايان قىلدى.

باياناتتا يارىدارلارنىڭ ئۇزۇن ئۆتمەيلا قازا قىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا يەنە، ۋەقەنىڭ تاسادىپىي جىنايەت ئەمەسلىكى، گۇماندارلارنى ئېنىقلاش ئۈچۈن تەكشۈرۈشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر