تەيۋەندە 50 كىشى قازا قىلغان پويىز ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش باشلاندى

تەيۋەننىڭ خۇالىيەن رايونىدا پويىز رېلىستىن چىقىپ كېتىپ، 50 كىشى قازا قىلغان ۋەقەگە قارىتا تەكشۈرۈش باشلاندى.

1614280
تەيۋەندە 50 كىشى قازا قىلغان پويىز ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالاقىدار مەسئۇللار پويىز تونېلغا كىرىش ئالدىدا تۇرغاندا رېلىسنىڭ يېنىدىكى تاغقا توختىتىپ قويۇلغان كىراننىڭ نامەلۇم سەۋەب بىلەن رېلىسقا ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى ۋە كىراننىڭ ئىگىسىنىڭ سوراق -سوئال قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

خۇاليەن رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى ۋەقەگە دائىر تېخىچە ھېچكىشىنىڭ ئەيىبلەنمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تەيۋەن تۆمۈر يول ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھادىسە يۈز بەرگەن جايدىكى رېمونت خىزمەتلىرى سەۋەبىدىن بەزى پويىز قاتناشلىرىدا 15-20 مىنۇت كېچىكىش بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

بۇ جەرياندا، دەسلەپتە قازا قىلغانلارنىڭ سانىنى 51 دەپ دوكلات قىلغان مەسئۇللار بۇ ساننى يېڭىلاپ،  قازا قىلغانلار سانىنىڭ 50 ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دۆلەتلىك مەتبۇئاتلارنىڭ تەيۋەن قاتناش مىنىستىرلىقىنى مەنبە قىلغان خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا،  تەخمىنەن 350 يولۇچى ئولتۇرغان 8 ۋاگونلىق پويىز خۇاليەن رايونىغا كىرىش تونېلىدا رېلىستىن چىقىپ كەتكەن بولۇپ، پويىزنىڭ 4-ۋە 5-ۋاگونلىرى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان.  ئوت ئۆچۈرۇش ۋە ئىزدەپ-قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى نەق مەيدانغا ئەۋەتىلگەن.

ۋەقەدە 50 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە 178 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ئېنىقلاندى.

تەيۋەن رەھبىرى تىساي ئىڭۋىن مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىقلار ۋە ئورگانلارنىڭ ۋەقەگە دائىر زۆرۈر بولغان تەكشۈرۈشلەرنى باشلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

بۇ ۋەقە تەيۋەندە يېقىنقى 70 يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر پويىز ۋەقەسى دەپ رۇيخەتكە ئېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر