سەئۇدى ئەرەبىستان: ئىسرائىلىيە بىلەن نورماللىشىش رايونغا پايدىلىق

سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فايسال بىن فەرخان ئىسرائىلىيەنىڭ رايوندىكى ئورنىنىڭ نورماللىشىشىنىڭ پۈتكۈل رايونغا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتە پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1614245
سەئۇدى ئەرەبىستان: ئىسرائىلىيە بىلەن نورماللىشىش رايونغا پايدىلىق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فايسال بىن فەرخان «CNN» قانىلى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت پروگراممىسىدا، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا پات يېقىندا كېلىشىم ھاسىل قىلىنىدىغان ياكى قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

فايسال بىن فەرخان: «نورماللىشىش بارلىق رايونغا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتىن پايدىلىق» دېدى.

فايسال بىن فەرخان پەلەستىن مەسىلىسى ھەل قىلىنمىسا ۋە 1967-يىلى بەلگىلەنگەن چېگرا دائىرىسدە پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلمىسا، نورماللىشىشنىڭ رايوندا مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

فايسال بىن فەرخان يەنە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىلگىرىمۇ ئەرەب تىنچلىقى تەشەببۇسى دائىرىسىدە، 1967-يىلى بەلگىلەنگەن چېگرا ئاساسىدا پايتەختى شەرقىي قۇددۇس بولغان مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلغان تەقدىردە، ئىسرائىلىيە بىلەن نورماللىشىشقا ۋەدە بەرگەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر