خىتايدا پاراخوت چۆكۈپ كېتىپ، 12 كىشى قازا قىلدى ۋە 4 كىشى يوقۇلۇپ كەتتى

خىتاينىڭ شەرقىدە بېلىقچىلىق پاراخوتى چۆكۈپ كېتىپ، 12 كىشى قازا قىلدى ۋە 4 كىشى يوقۇلۇپ كەتتى.

1614371
خىتايدا پاراخوت چۆكۈپ كېتىپ، 12 كىشى قازا قىلدى ۋە 4 كىشى يوقۇلۇپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ دېڭىز ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، جىجاڭ ئۆلكىسىگە قاراشلىق جۇجىياجېن ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر بېلىقچىلىق پاراخوتى چۆكۈپ كەتكەن.

ۋەقەدە  12كىشى قازا قىلىپ، 4 كىشى يوقاپ كەتكەن ۋە ئاران 4 كىشى قۇتقۇزۇۋېلىنغان.

تىك ئۇچار ۋە كېمىلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن رايوندا ئىزدەپ قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر