ئارگېنتىنا پىرېزىدېنتى يۇقۇملاندى
ئارگېنتىنا پىرېزىدېنتى ئالبېرتو فېرناندېز يېنىك دەرىجىدىكى قىزىش ۋە باش ئاغرىقىدىن كېيىنكى كوۋىد – 19 تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ مۇسبەت چىققانلىقىنى ئۇقتۇردى.
1613961
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فېرناندېز تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «بۈگۈن قىزىتمامنىڭ 37.3 گىرادۇسقا ئۆرلىشى ۋە يېنىك دەرىجىدىكى باش ئاغرىقىم سەۋەبىدىن تەكشۈرتكۈزگەن يۇقۇم نەتىجىسى مۇسبەت چىقتى. گەرچە پولىمېرازا زەنجىرسىمان رېئاكسىيە ئانالىزاتورى سىناق نەتىجىسىنى ساقلاۋاتقان بولساممۇ، ئۆزۈمنى كارانتىن قىلدىم، مەن نۆۋەتتىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىمەن ۋە شەخسىي دوختۇرىمنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلىمەن» دېدى.