ئامېرىكادا قانۇنسىز كۆچمەنلەر سانى يېقىنقى 15 يىلنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتتى

مېكسىكا چېگراسى ئارقىلىق ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرەپكە ئۆتۈشنى پىلانلاۋاتقان كۆچمەنلەر سانىنىڭ مارت ئېيىدا 171 مىڭدىن ھالقىپ، 2006 - يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى ئايلىق سانغا يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1614065
ئامېرىكادا قانۇنسىز كۆچمەنلەر سانى يېقىنقى 15 يىلنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جو بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتى توغرىسىدا گۇمانلىنىش پەيدا قىلغان مېكسىكا چېگراسىدىكى كۆچمەن ھەرىكەتلىرى داۋام قىلماقتا.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئامېرىكا چېگرا ۋە تاموژنا مۇھاپىزەتچىلەر ئورگىنى (CBP) نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، مارتتا ئامېرىكا - مېكسىكا چېگراسىدىن ئۆتۈشكە ئۇرۇنۇش جەريانىدا تۇتۇلۇپ قالغان كۆچمەنلەر سانى 171 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

ئالاقىدار ئەمەلدارلار، بۇنىڭ 2006 - يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى ئايلىق سانلىق مەلۇمات ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، يانۋار ئېيىدا مېكسىكا چېگراسىدا تۇتۇلغان كۆچمەنلەر سانىنىڭ 78442 ئىكەنلىكى نەزەردە تۇتۇلسا، ئىككى ئاي ئىچىدە بۇ جەھەتتە ئېغىر ئېشىش كۆرۈلگەنلىكىنى قەيت قىلىشتى.

بۇنىڭدىن باشقا، مارتتا قولغا ئېلىنغان ھەمراھسىز كۆچمەن بالىلار سانى 2 - ئايدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %99 ئېشىپ، 18 مىڭ 800 دىن ھالقىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر