خىتاينىڭ ئىككى پاراخوتىنىڭ ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكى بىلدۈردى

خىتاي بايرىقى ئېسىلغان ئىككى دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتى تۈنۈگۈن شەرقىي خىتاي دېڭىزىنىڭ تالاش – تارتىشلىق سېنكاكۇ ئارىلى ئەتراپىدىكى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1613921
خىتاينىڭ ئىككى پاراخوتىنىڭ ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان ئوكىناۋا ئۆلكىسىنىڭ ناھا ناھىيەسىدىكى 11- رايون دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى قوماندانلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي پاراخوتلىرى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەن.

تۈنۈگۈن شۇ يەر ۋاقتى 11:30 ئەتراپىدا تالاش - تارتىشلىق سېنكاكۇ ئاراللىرى ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرگەن خىتاي پاراخوتلىرى مىنامى - كوجىما ئارىلى ئەتراپىدىكى ياپون بېلىقچى كېمىلىرىگە يېقىنلاشقان.

ياپونىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى قوماندانلىقى خادىملىرى خىتاي پاراخوتلىرىنى رايوندىن چىقىپ كېتىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان.

ياپونىيەنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مېدىيا ئورگىنى — NHK نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى پاراخوتلىرى سېنكاكۇ ئاراللىرى ئەتراپىدا بۇ يىل ھازىرغىچە 12 قېتىم ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قانۇنسىز كىرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر