ئافرىندا ئىككى ئايال تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا بومبىلىق ۋەقە پەيدا قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان ئىككى ئايال تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1613342
ئافرىندا ئىككى ئايال تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خاتاي ۋالىيلىق مەھكىمىسى، پ ك ك / ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسى ئىككى ئايالنىڭ ئافرىننىڭ ئادەملەر زىچ رايونىدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى سادىر قىلىشتىن ئىلگىرى خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

خاتاي ۋالىيلىق مەھكىمىسىنىڭ باياناتىدا، مەسلىھەتچلىك مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يەرلىك  دائىرىلەرنىڭ ئەدلىيە تارماقلىرى بىلەن ماسلاشقان ھالدا ۋەقەنى تەكشۈرۈشنى باشلىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر