مېكسىكادا مارتتا مىڭلارچە جىنايەت سادىر قىلىندى

مېكسىكادا ئالدىنقى ئايدا 2 مىڭ 444 جىنايەت سادىر قىلىندى.

1613669
مېكسىكادا مارتتا مىڭلارچە جىنايەت سادىر قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكا فېدېراتسىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى تەرىپىدىن تەييارلانغان «مارت ئېيىغا مۇناسىۋەتلىك جىنايەتلەر» ناملىق دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، دۆلەتتە مارت ئېيى بويىچە 2 مىڭ 444 جىنايەت سادىر قىلىنغان بولۇپ، بۇ، 2011 – يىلدىن بۇيان دۆلەتتە كۆرۈلگەن ئەڭ كۆپ جىنايەت ۋەقەلىرى ئىكەن.

بىر كۈندە ئەڭ كۆپ ئۆلۈم سانى، 7 – مارت كۈنى يۈز بەرگەن جىنايەتتە كۆرۈلگەن بولۇپ، شۇ قېتىمقى جىنايەتتە 103 كىشى جېنىدىن ئايرىلغانىدى.

ئايلار بويىچە ھېسابلىغاندا، يانۋار ئېيىدا 2 مىڭ 379، ئاپرېل ئېيىدا بولسا 2 مىڭ 206 جىنايەت سادىر قىلىنغان.

مېكسىكانىڭ گۇاناجاتو، مىچوكان، باجا كالىفورنىيە، چىخۇاخۇئا ۋە ۋېراكرۇز ئۆلكىلىرى، ئەڭ  كۆپ جىنايەت سەدىر قىلىنغان جايلار بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر