ئىتالىيە ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى جاسۇسلۇق كىرىزىسى ئىتالىيە پالاتاسىدا كۈنتەرتىپكە كەلدى

ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لۇئىگى دى مايو بىر ئىتالىيە ھاربىي ئوفېتسىرنىڭ مەخپىي ھۆججەتلەرنى رۇسىيە ھەربىي ئەمەلدارىغا بېرىشى «تولىمۇ ئېغىر دۈشمەنلىك ھەرىكىتى» دېدى.

1612829
ئىتالىيە ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى جاسۇسلۇق كىرىزىسى ئىتالىيە پالاتاسىدا كۈنتەرتىپكە كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر دى مايو ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ بىرلەشمە تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، پايتەخت رىمدىكى تەكشۈرۈش دائىرىسىدە نازارەكە ئېلىنغان ئىتالىيە زەربىي ئوفىتسېرى ۋە رۇسىيە ھەربىي ئەمەلدارىنىڭ مەخپىي ئۇچرىشىشى ئۈستىدە توختىلىپ، «بۇ ئىنتايىن ئېغىر دۈشمەنلىك ھەرىكىتى، بىز بۇنىڭغاقارىتا دەرھال كېرەكلىك تەدبىرلەرنى ئالدۇق» دېدى.

دى مايو ۋەقە سەۋەبىدىن ئىتالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنىڭ رۇسىيەنىڭ رىمدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سېرگېي رازوفقا يەتكۈزۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.

دى مايو رۇسىيەنىڭ 2 ئەمەلدارىنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، يۈز بەرگەن ئىشلارنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ چوقۇم كۆرۈشكە تېگىشلىك ئاقىۋىتى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دى مايو: «پۈتكۈل شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى خەتەرگە ئىتتىرىپ، ناتونىڭ ئۇچۇرلىرىنى قىولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن دېڭىز ئارمىيەمىزدىن بىر خادىمغا پۇل بېرىلگەنلىكىنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. ئەمما بۇنىڭ بىرگە يەنە، جىددىيلىشىشنىڭ كۈچىيىشىگە يول قويمايدىغان شەكىلدە ئالاقە يولىغىمۇ ئىگە بولىشىمىز لازىم» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر