ئىران: بايدىن ترامپنىڭ سىياسەتلىرىنى ياقلىماقتا

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ سىياسەتلىرىنى ياقلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1612696
ئىران: بايدىن ترامپنىڭ سىياسەتلىرىنى ياقلىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى— كلابھاۋستا سۆز قىلىپ، ئامېرىكانىڭ ئالدى بىلەن بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشى كېرەكلىكىنى ۋە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئوخشاش ۋاقىتتا قەدەم تاشلىشى توغرىسىدىكى تەكلىپنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقلىرىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇپ: «ئامېرىكالىقلار تۆت يىللىق تارىخنى ئۆچۈرۈۋېتەلمەيدۇ. بايدىن ترامپنىڭ سىياسىتىنى ياقلىماقتا. (نۆۋەتتە) ترامپ قىلىپ بايدىن قىلمىغان ھېچقانداق ئىش يوق. ئىرانغا ئوخشاش شەكىلدە بېسىم ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بىز ۋاقىتلىق قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشىغا قارشى ئەمەس، بىراق ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئالدى بىلەن ۋەدىلىرىنى ئورۇندىشى كېرەك» دېدى.

خىتاي بىلەن ئىمزالانغان 25 يىللىق كەڭ دائىرىلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى توغرىسىدىمۇ توختالغان مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، خىتاي بىلەن بىر يول خەرىتىسى ئىمزالانغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ تەرەپلەرنى ئۆزئارا ۋەدە بېرىشىنى شەرت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «خىتاي كەلگۈسىدە دۇنيانىڭ چوڭ كۈچى بولىدۇ، بىزنىڭمۇ ئۇنىڭ بىلەن ياخشى مۇناسىۋىتىمىز بولۇشى لازىم. بۇ باشقا دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە توسالغۇ بولمايدۇ» دېدى.

گېرمانىيە ياكى باشقا بىر غەرب دۆلىتى تەلەپ قىلغان تەقدىردە، 25 يىللىق ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاشقا توسالغۇ بولىدىغان ھېچقانداق بىر ئامىلنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن زەرىف، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «خىتاي يادرو كېلىشىمىدىن كېيىنكى كەڭ دائىرىلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزۈش شەرتلىرىنى مۇۋاپىق دەپ قارىدى. رۇسىيە يادرو كېلىشىمىدىن كېيىن بىزگە س-300 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىپ بەردى. ھېچكىم ماڭا خىتاي بىلەن كېلىشىم تۈزۈشۈم ئۈچۈن بېسىم ئىشلەتمىدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر