ئامېرىكادا مىليونلارچە قۇتا ۋاكسىنا ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋېتىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بالتىمور شەھىرىدە، دورا شىركىتى - Johnson&Johnson نىڭ تەخمىنەن 15 مىليون قۇتا ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) ۋاكسىنىسىنى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى بىخەستەلىك سەۋەبىدىن تاشلىۋېتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1612591
ئامېرىكادا مىليونلارچە قۇتا ۋاكسىنا ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»، بالتىموردىكى Johnson&Johnson ۋە ئاسترا زېنېكا ۋاكسىنىسى ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان زاۋۇتنىڭ كوۋىد – 19 ۋاكسىنىسىنىڭ تەركىبلىرىنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشى سەۋەبىدىن مىليونلارچە قۇتا ۋاكسىنىنى تاشلىۋەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

بۇ سەۋەبتىن تەخمىنەن 15 مىليون قۇتا ۋاكسىنىنىڭ ئىسراپ بولۇپ كەتكەنلىكى، ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ، بۇ ئىشقا چېتىشلىق «ئىنسان خاتالىقى» نى تەكشۈرۈشنى باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

Johnson&Johnson شىركىتىنىڭ بىر قۇتىلا ئەملىنىدىغان كوۋىد – 19 ۋاكسىنىسىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ۋاكسىنا ئەملەش سۈرئىتىنى تېزلىتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر