ئامېرىكا سۇدان بىلەن يېڭى سەھىپە ئېچىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېن سۇداننىڭ تېررورلۇقنىڭ قۇربانلىرى ۋە ئائىلىلىرى ئۈچۈن ئەۋەتكەن 335 مىليون دوللارلىق تۆلەمنى تاپشۇرۇۋالغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، سۇدان بىلەن مۇناسىۋەتلەردە يېڭى سەھىپە ئېچىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتتى.

1612898
ئامېرىكا سۇدان بىلەن يېڭى سەھىپە ئېچىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن يازما باياناتىدا، مەزكۇر تۆلەمنىڭ 1998-يىلى ئامېرىكانىڭ كېنىيە ۋە تانزانىيەدىكى ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ قۇربانلىرى بىلەن 2000-يىلى ئامېرىكانىڭ «ئۇ س س كول» ناملىق پاراخوتىغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ قۇربانلىرىغا، 2008-يىلى سۇداندا ئۆلتۈرۈلگەن ئامېرىكا خەلقئارا تەرەققىيات ئاگېنتلىقىنىڭ خىزمەتچىسى جون گرانۋىل (John Granville) ئائىلىسىگە بېرىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئۆتكەن ھەپتە تۆلەم مۇساپىسىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن كونگرەگە، «سۇداننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ قايتىدىن بېكىتىلگەنلىكى» نى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئۇ: «بۇ قىيىن مۇساپىنى ئارقىدا قالدۇرغان بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا-سۇدان مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى سەھىپە ئېچىلىشى مۇمكىن. ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان قەدەملەرنى باسىمىز» دېدى.

ئامېرىكا ئالىي سوتى ئۆتكەن يىلقى (2020) قارارىدا، سۇدان ھۆكۈمىتىنىڭ 1998-يىلى ئامېرىكانىڭ كېنىيە ۋە تانزانىيەدىكى ئەلچىخانىلىرىغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ قۇربانلىرىغا، ھەمدە يېقىنلىرىغا 10  دوللاردىن ئارتۇق تۆلەم تۆلەش قارارىنى چىقارغان ئىدى.

سۇدان ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتلىشىش نەتىجىسىدە، 335 مىليون دوللار تۆلەشنى قوبۇل قىلغان. پىرېزىدېنت ترامپ بولسا، سۇداننى تېررورلۇقنى قوللىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىدىن چىقارغانلىقلىرىنى ئېلان قلغان.

سۇدان ئۆتكەن يىلى (2020) دېكابىر ئېيىدا تېررورلۇقنى قوللىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىدىن رەسمىي چىقىرىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر