ئەنگلىيەدە ھەجۋىي رەسىمگە مۇناسىۋەتلىك تالاش – تارتىشلار داۋاملاشماقتا

ئەنگلىيەنىڭ يوركشىر رايونىدىكى باتلېي مەكتىپىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەجۋىي رەسىملىرىنى كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە ئىشتىن بوشىتىلىشىدىن كېيىنكى تالاش - تارتىشلار داۋاملاشماقتا.

1612820
ئەنگلىيەدە ھەجۋىي رەسىمگە مۇناسىۋەتلىك تالاش – تارتىشلار داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت، مەزكۇر ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋەزىپىسىگە قايتۇرۇلۇشىنى خالايدىغانلار ۋە خالىمغايدىغانلاردىن ئىبارەت ئىككىگە بۆلۈندى.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغان ئوقۇتقۇچىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، مەكتەپنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن ئاتا – ئانىلاردىن كېيىن، بۇ قېتىم ئوقۇتقۇچىنى ھېمايە قىلىدىغانلار مەكتەپنىڭ ئالدىدا توپلىنىپ، ئۇنىڭ ۋەزىپىسىگە قايتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلىپ، نامايىش ئۆتكۈزدى.

مەكتەپتە مۇستەقىل تەكشۈرۈش باشلانغان بولۇپ، تەكشۈرۈشنىڭ ماي ئېيىنىڭ ئاخىرلىرى تاماملىنىشى كۈتۈلمەكتە.

مەكتەپ مۇدىرى گارى كىبلې، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرىغا يوللىغان ئېلخېتىدە، بۇ مەسىلە سەۋەبىدىن كەچۈرۈم سورىغانىدى.

ئەنگلىيە مائارىپ ۋەزىرى گاۋىن ۋىللىئامسون بولسا، ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارنى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئەھۋال» دەپ ئاتىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر