بىرازىلىيەدە ۋىرۇسنىڭ يېڭى تۈرى بايقالدى

بىرازىلىيەدە «كوۋىد – 19» يۇقۇمىنىڭ يېڭى تۈرى بايقالدى.

1612726
بىرازىلىيەدە ۋىرۇسنىڭ يېڭى تۈرى بايقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرازىلىيەنىڭ سان پاۋلو ئۆلكىسىدە بىيولوگىيە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بۇتانتان ئىنستىتۇتىنىڭ مەسئۇلى دىماس كوۋاس، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقا ۋارىيانتىغا ئوخشاش ئالاھىدىلىككە ئىگە يېڭى تۈرىنى بايقىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ۋىرۇس بايقالغان كىشىنىڭ، جەنۇبىي ئافرىقاغا ساياھەت قىلمىغانلىقىنى ۋە ئۇ يەرگە ساياھەت قىلغان ھېچكىم بىلەن ئالاقە قىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن كوۋاس، شۇ ۋەجىدىن، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىنىڭ يېڭى بايقالغان تۈرىنىڭ،  ئامازوناس ئۆلكىسىگە قاراشلىق مانائوس شەھىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان تېخىمۇ يۇقۇملۇق ھالغا ئۆزگەرگەن تۈرى بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلدى.

«كوۋىد – 19» يۇقۇمىنىڭ يېڭى تۈرى بىلەن يۇقۇملانغان كىشى بىلەن ئالاقە قىلغانلار كارانتىن ئاستىغا ئېلىندى، يېڭى تۈر پەقەت بىر كىشىدىلا بايقالدى.

تەخمىنەن 700000 نوپۇسى بار سوروكابا شەھىرى، بىرازىلىيەدە «كوۋىد – 19» يۇقۇمىنىڭ ئەڭ كۆپ تەسىرىگە ئۇچرىغان سان پاۋلو ئۆلكىسىنىڭ ئىچكى قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 210 مىليوندىن ئاشىدىغان بىرازىلىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن قالسا، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرىغان دۆلەت ھېسابلىنىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيان دۆلەتتە كۈندىلىك ئوتتۇرىچە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 2700 دىن، يۇقۇملانغۇچىلار سانى بولسا 75 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر